باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باغۋەنچىلىكنىڭ قەنتىنى چاققان ياش

ئاپتۇنۇم رايۇن بويچە ئەمگەك نەمۇنچىسى مۇھەممەد ئىمىن داۋۇت توغرىىسدا

2013.04.26 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاغىلىق ناھيە سايباغ يېزا قاراتاش كەنتى 2-مەھەللىسىدىكى دېھقان مۇھەممەد ئىمىن داۋۇتنى بۇ يېزىدىكىلەر باغۋەنچىلىكنىڭ قەنتىنى چاققان ياش دەپ تەرىپلىشىدۇ.

  1985-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئىرىشەلمىگەن مۇھەممەدئىمىن داۋۇت ئائىلىسىگە قايتىپ،ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ،دېھقان بولۇش يولىنى تاللايدۇ.

  ئۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇنىڭ ئائىلىسىكى 10نوپۇسىنىڭ ئاران 18مو تىرىلغۇ يىرى بولۇپ،ئائىلىىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئاران قامدايتتى.ئۇ،بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن،كەنىت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ،كەنىت ئىگىدارچىلىقىدىكى 26مو يەرىنى 10يىللىق ھۆددىگە ئىلىپ،ياڭاق ئۆستۈرىدۇ.

  سايباغ يېزىسى بۇ ناھىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياڭاق بازىسى بولۇپ،نۇرغۇن كىشىلەر ياڭاقىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ كىيىن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشىنى ئويلاشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايتتى.مۇھەممەد ئىمىن داۋۇت ياڭاقنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ،ھۆددە ئالغان 26مو يىرىگە ياڭاق ئۆستۇرىدۇ،ئۇ ياڭاق كۆچەتلىرىنى سېتىۋېلىش،ئوغۇتلاش،پورمىلاش ،زېيانداش ھاشارەتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ھالىقىلارنى ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئۆگەنگەن ئۇسۇللار بويچە ئەستايىدىل تۈجۈبىلەپ قىلىپ، ياڭاقلىرىنى ئايناتتى.

  پەرۋىش جەريانىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەن سورىتلارنى ئۆزگەرتىپ،<<شىنفېڭ>>،<<179>>،<<185>>،<<343>>قاتارلىق داڭلىق ئەلا ياڭاق سورىتلىرىنى تاللاپ،2-يىلىلا چېچەكلەپ مىۋە بىرىشىنى قولغا كەلتۇردى.ھەر يىلى 2-ئايدا ئۇ ياڭاق دەرەخلىرىدىن ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق كۆچىتىنى تاللاپ تۈرگە ئايرىپ،بەلگە قويۇپ،ئۆزىنىڭ گەمىىسدە 45كۈن ساقلاپ،ئاندىن ئۈلىدى.مۇھەممەد ئىمىن داۋۇت كەنىتىتكى دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ،ياڭاق پەرۋىش قىلىش،ئۇلاش تېخنىكىسى بىلەن ھەقسىز ئۇلىدى.ھازىر مۇھەممەد ئىمىن داۋۇتىنىڭ 750تۈپ ياڭىقى بولۇپ،يىللىق ھوسۇلى 2.5توننىغا،يىللىق ياڭاقچىلىق كىرىمى 90مىڭ يۈەندىن ئاشتى.ئۇ باي بولغاندا جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇش،تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار،مىيىپ ئاجىزلارغا ھەر يىلى 10مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئۇ،ماي،گۆش،كۆمۇر قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراپ ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ كەلمەكتە.

  مۇھەممەدئىمىن داۋۇت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، 2009-يىلى 5-ئايدا يېزا ئىگىلىك ۋاستىچىلىق گۇۋاھنامىسىگە ئىرىشىپ،بۇ ناھيەنىڭ ياڭاق،ئانار،ئالما،گۈلە-قاق قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرىتقى جايلارغا يۆتكەپ سىتىپ،ئۆزىمىۇ بىيىش بىلەن،دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقىغا ئاساسەن،يىللاردىن بىرى 20نەچچە قىتىم ناھيە،يېزا بويچە<<باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئۈگە>>بولۇپ مۇكاپاتلاندى.2004-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويچە <<يېزا ياشلىرىنىڭ بېيىش ئەليۇلئەلاسى>>دىگەن نامغا،2009-يىلى 4-نۆۋەتلىك قەشقەر ۋىلايىتى بويچە <<10مۇنەۋۋەر دېھقان ياش>>دىگەن شەرەپكە ئىرىشىش بىلەن،2010-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويچە <<ئەمگەك نەمۇنچىسى>>ۋە 2011-يىلى يېزا بويچە<<ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىشتىكى ئۈلگە>> بولۇپ مۇكاپالىنىپ شەرەپ قۇچتى. (قاغىلىق ناھىيەسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە