قىرغىزىستان پايتەختىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى
2013.04.11 09:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە 9-ئاپرېل پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان.
قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بىر بومبىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 18:30 ئەتراپىدا بىشكەكتىكى «ئىشچىلار شەھەرچىسى» مەھەللىسى ئەتراپىدا پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. پارتلاشتىن كېيىن، ساقچىلار نەق مەيداندا ئىككى جەسەتنى بايقىغان.
پارتلاش يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلغان، ساقچىلار نەق مەيداننى پىچەتلىگەن. قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسىسى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە