باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

پۇتىن : رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان كېلەر يىلى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىدۇ

2013.04.17 17:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن،خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم بېرىش قوشۇنى 2014-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىستان ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە ئافغانىستانغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  پۇتىن مۇنداق دېگەن: ئىككى تەرەپ 2014-يىلى خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم قوشۇنىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  پۇتىن مۇنداق دېگەن :« مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ھاسىل قىلىپ، يەنە داۋاملىق ئىز قوغلاپ ۋە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بىرلىشىپ تەدبىر قوللىنىشىمىز مۇمكىن، بۇ ھەربىي، سىياسىي ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئافغانىستان رەھبەرلىك قاتلىمىغا زۆرۈر ياردەم بېرىشنى كۆرسىتىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە