باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات ئۆمىكى ئالاھىدە چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتى

2013.04.12 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

باش باھار مەۋسۇمىدە، بېيجىڭدىن مۇنداق خۇش خەۋەر تارقالدى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقاتخانىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن پەن تەتقىقات ئۆمىكى تەجرىبە جەريانىدا، كىۋانت نورمالسىزلىقىنىڭ ھال ئېففېكتىنى تۇنجى قېتىم بايقىدى، بۇ-نوبېل مۇكاپاتى دەرىجىلىك پەن تەتقىقات نەتىجىسى دەپ ئاتالدى.

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاكادېمىك شۆ چىكۈن باشچىلىقىدىكى پەن تەتقىقات ئۆمىكى بۇنىڭغا توپتوغرا تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىقلار ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ، ئارقىدىن سۈرئىتى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ-ئۆزەكتىكى ئېلېكتىرون ھەرىكىتىنىڭ خاس ئوربىتىسى بولمايدىغانلىقى، ئۆز ئارا سوقۇلۇش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە خورايدىغانلىقىدىن بولىدۇ. ھالبۇكى كىۋانت ھال ئېففېكتى بولسا ئېلېكتىرونلارنى ئۆز يوللىرىدا ئالدىغا ماڭغۇزىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئالىي مۇسابىقە ماشىنىسى كاشىلا يوق تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغانغا ئوخشايدۇ.


نورمال كىۋانت ھال ئېففېكتى كۈچلۈك ماگېنت مەيدانىدىن بارلىققا كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىدا قوللانغىلى بولمايتتى، ئەمما ئاكادېمىك شۆ چىكۈن باشچىلىقىدىكى پەن تەتقىقات ئۆمىكى كىۋانت نورمالسىزلىقىنىڭ ھال ئېففېكتىنىڭ ماگېنت مەيدانى بولمىسىمۇ، ئېلېكتىرونلارنى ئۆز يوللىرىدا ماڭغۇزغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇنى كۈندىلىك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىدا قوللانغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئاكادېمىك شۆ چىكۈن باشچىلىقىدىكى پەن تەتقىقات ئۆمىكى دۇنياۋى پەن تەتقىقاتتىكى قىيىن تېمىنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەجىمى تېخىمۇ كىچىكلەيدۇ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ، توك سەرپىياتى تېخىمۇ ئازىيىدۇ.

شۆ چىكۈن مۇنداق دېدى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 1-قاتاردىكى پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش-بىزنىڭ باشتىن-ئاخىر بوشاشماي ئىزدىنىدىغان نىشانىمىز شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزىمىزنىڭ تۆھپىمىزنى قوشالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە