باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۈپەت مۇكاپاتى››تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىندى

2013.04.10 16:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۈپەت مۇكاپاتى››نى باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەيدىكەن، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتنى تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىشى ئىكەن.

  ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۈپەت مۇكاپاتى›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەت ساھەسىدىكى ئالىي شەرەپ بولۇپ، ئاساسلىقى سۈپىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلغان، ئېسىل داڭلىق ماركا، ئۈنۈمى گەۋدىلىك، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، جەمئىيەتتە خېلىلا ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىغان كارخانا(تەشكىلات)لارغا بېرىلىدىكەن. بۇ مۇكاپات ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىكەن، ھەر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان كارخانا (تەشكىلات) ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

  ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سۈپەت مۇكاپاتى››نى باھالاش تەرتىپى ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، ئىسمىنى ئاتاپ كۆرسىتىش، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىپ قوبۇل قىلىش، ماتېرىيال باھالاش، نەق مەيداندا باھالاش، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش، تەقدىرلەشنى تەستىقلاش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەلۇم قىلىش شەرتى مۇنداق ئىكەن: بۇ مۇكاپات تۈرىدە كارخانا(تەشكىلات)نىڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتى، جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، داڭلىق ماركا يارىتىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەرگە قارىتا كونكرېت تەلەپ قويۇلىدىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا(تەشكىلات)لار مەلۇم قىلىش ماتېرىيالىنى ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ تور پونكىتى (.xjzj.gov.cn//www:http) غا چىقىپ چۈشۈرۈۋالسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە