باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە جەمئى 28 ئادەم H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان، 9 ئادەم ئۆلگەن

2013.04.10 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپىرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 9-ئاپىرىل ئېلان قىلغان H7N9 قۇش زۇكىمىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 17دىن 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 18گە قەدەر، مەملىكەت بويىچە جەمئى 28 ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇلاردىن 9 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى دوكلات قىلىنغان.

  يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى شاڭخەي (يۇقۇملانغۇچى 13، ئۆلگىنى 5)، جياڭسۇ (يۇقۇملانغۇچى 8، ئۆلگىنى 1)، ئەنخۇي (يۇقۇملانغۇچى 2، ئۆلگىنى 1)، جېجياڭ (يۇقۇملانغۇچى 5، ئۆلگىنى 2) قاتارلىق تۆت ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ۋىلايەت-شەھەر دەرىجىلىك 19 رايونغا تارقالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە