- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


3-ئايلىق CPI كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەپ %2.1كە چۈشتى
2013.04.10 16:25 مەنبە: خەلق تورى
 |
4-ئاينىڭ 8-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى باجوۋ شەھرىدىكى بىر تاللابازاردا ئىستېمالچىلار كۆكتات سېتىۋالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ شياۋ فوتوسى)
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى . 8-ئاپرېل، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئۆرلىگەن، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەن بولغان.
3-ئايدا، ئاھالىلەر ئىستىمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تەشكىللىگەن مەملىكەت مىقياسىدىكى سەككىز چوڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىدا، يېمەكلىك باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئۆسۈپ، ئاھالىلەر ئىستىمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن 0.88 پوئىنت ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە