باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىلار مەخسۇس تەرتىپكە سېلىندى

2013.04.09 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىدە، 6-ئاپرېلغىچە، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىدىن 761ى تەرتىپكە سېلىنغان، قىمارغا چېتىشلىق 103ئادەم بىرتەرەپ قىلىنغان.

  بۇ قېتىملىق ھەرىكەت 25-مارت باشلىنىپ، 25-ئاپرېل ئاخىرلىشىدىكەن، ئاساسلىقى ئېلېكترونلۇق ئۇيۇنچۇق ئارقىلىق قىمار ئويناشتەك قانۇنسىز ھەرىكەتكە زەربە بېرىلىدىكەن، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئورگىنى پاش قىلغان «20-مارت» توپلىشىپ قىمار ئويناش دېلوسى بولۇپ، قىمار مەيدانى ئېچىشقا چېتىلغان 8 ئادەم (ھەممىسى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان)، قىمار ئوينىغان 30 ئادەم قولغا ئېلىنىپ، 730 مىڭ يۈەن قىمار دەسمايىسى تۇتۇپ قېلىنىپ، نەق مەيداندا قىمار خاراكتىرىدىكى 14 ئويۇنچۇق ماشىنىسى، بىر تۈركۈم قىمار سايمىنى يىغىۋالغان. خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئورگىنى ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، توپلىشىپ قىمار ئويناش ئۇۋىسىدىن بىرنى بىتچىت قىلىپ، قىمارغا چېتىشلىق 45 ئادەمنى قولغا ئېلىپ، ئۇيۇنچۇق ماشىنىسىدىن 24 نى يىغىۋالغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاممىنىڭ ج خ ئورگىنىغا ئېلېكترونلۇق ئۇيۇنچۇق مەيدانىدىكى قانۇنسىز قىلمىش توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە پائال چاقىرىق قىلدى، ئۆز ئىسىمى بىلەن پاش قىلىش خەت ساندۇقى xjdshcsh@163.com

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە