10-ئاپرىل، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدا) ئاقساراي گۈللۈكىدە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىللىق مالىيە خامچوتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. شۇ كۈنى ئاقساراي دۆلەت مەجلىسىگە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىللىق (2013-يىل 10-ئايدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ) مالىيە خامچوت دوكلاتىنى تاپشۇردى. دوكلاتتا كەلگۈسى ئون يىلدا جەمئىي بىر تىرىليون 800 مىليارد دوللارلىق مالىيە قىزىل رەقىمىنى كېمەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە پەن تەتقىقاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە سېلىنمىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)