باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسكىۋا دۇنيادىكى ئەڭ قىستاڭ شەھەر بولۇپ باھالاندى

2013.04.10 08:56   مەنبە: خەلق تورى

موسكىۋا دۇنيادىكى ئەڭ قىستاڭ شەھەر بولۇپ باھالاندى

  خەلق تورىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. گوللاندىيە GPS يول يېتەكچىسى تېخنىكىسى شىركىتى TomTom يېقىندا 2012-يىلىدىكى شەھەرلەرنىڭ قىستاڭچىلىق كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى، بۇ تىزىملىكتە رۇسىيە پايتەختى موسكىۋا ئالدىنقى تۇرغان.

  TomTom شىركىتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن :« موسكىۋادىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئامما ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يولدا %66 ۋاقىتنى ئارتۇق ئىسراپ قىلىدۇ، بۇلۇپمۇ سەھەردە ئىشقا ماڭغاندا %106 ۋاقىتنى ئارتۇق سەرپ قىلىدۇ، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە %138 ۋاقىتنى ئارتۇق سەرپ قىلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، موسكىۋا خەلقى 2012-يىلى قاتناش قىستاڭچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىسراپ قىلىۋەتكەن ۋاقىت 127 سائەتكە يەتكەن.»

  موسكىۋادىن باشقا يەنە، ئون چوڭ قىستاڭچىلىق بولىدىغان شەھەر تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل، پولشا پايتەختى ۋارشاۋا، فىرانسيەنىڭ مارېسل شەھىرى، ئىتالىيە سىلسىيە ئارىلىنىڭ پايتەختى بارىمو، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرى، ئاۋىسترالىيەنىڭ سېدنىي شەھىرى، گىرمانىيەنىڭ ستۇتگارد شەھىرى، فىرانىسيە پايتەختى پارىژ ۋە ئىتالىيە پايتەختى رىم قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ دوكلاتقا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىكى سانلىق مەلۇماتلار كىرگۈزۈلمىگەچكە، جۇڭگونىڭ شەھەرلىرى بۇ تىزىملىككە كىرمەي قالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسى 10 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردىن يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى
      ·بېيجىڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا دائىر ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى،  10 تۈردىكى ئوقۇ…
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك قوللانمىسى تارقىتىلدى 
      ·دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپكە بارىدىغان خەتەرلىك يوللار(1)
      ·باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتتا ئىمتىھان ئا…
      ·شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى 4-ئايدا باشلىنىدۇ 
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ دەرس ئۆتۈشىنى چەكلەندى
      ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇچىلىرى بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرىغا ئىگە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بويىچە تىزىمغا ئېلىش خىزمىتى 20-ماي باشلىنىدۇ