باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

مىكروبىلوگ خانىشى ياۋ چېن شاڭخەي «ئەمگەك گېزىتى»نى ئەرز قىلدى

2013.04.08 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئوقۇشىچە، خەۋەرلەردە «ياۋچېن بىر مىكرو بىلوگ ئېلان قىلسا 20 مىڭ يۈەن، تارقاتسا نەچچە مىڭ يۈەن ئالىدىكەن» دېيىلگەچكە، مىكرو بىلوگ خانىشى ياۋ چېن «خەۋەرلەر رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، ئابرۇيۇم دەخلى تەرزگە ئۇچرىدى» دەپ قاراپ، شاڭخەي «ئەمگەك گېزىتى» ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈشنى توختىتىش، ئەپۇ سوراش، تەسىرنى تۈگىتىش، ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.بۇ دېلو چاۋياڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

  ياۋ چېن ئەرز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 20-مارت شاڭخەي ئەمگەك گېزىتى ‹مىكرو بىلوگ باھا بېكىتىش كەسپى زەنجىرى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتى› دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى. بۇ خەۋەردە مۇخبىر ئەمەلىي تەكشۈرمەستىنلا 3-تەرەپنىڭ نامى بىلەن ساختا مەزمۇننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ياۋ چېندەك نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىگە ئىگە چولپانلار بىر مىكرو بىلوگ ئېلان قىلسا 20 مىڭ يۈەن، ئالماشتۇرۇپ تارقاتسا نەچچە مىڭ يۈەن ئالىدىكەن، دېگەن رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلەرنى تارقاتقان، بۇ خەۋەر ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، مېنىڭ ئابرۇيۇم ۋە جەمئىيەتتىكى ئوبرازىمغا ئېغىر دەخلى تەرز يەتكۈزدى».

  ياۋ چېن مۇنداق دېدى: «مەن خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ۋاسىتىچى شىركەت ۋە ۋاكالەتچى ئادۋۇكاتىم ئارقىلىق، ئەمگەك گېزىتىدىن دەخلى تەرز يەتكۈزۈشنى توختىتىش، كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇلار بۇ خەۋەر بار تور بېتىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ھەمدە ئەپۇ سوراشنى رەت قىلدى، ئەمگەك گېزىتىنىڭ قىلمىشى مېنىڭ نام ھوقۇقۇمغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرز يەتكۈزدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە