باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇچىلىرى بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرىغا ئىگە بولىدۇ

2013.04.01 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلىدىكەن ۋە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن. مەزكۇز سىستېمىدا ھەربىر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ھېسابلىنىدىغان، ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولىدىغان ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى تۇرغۇزۇلىدىكەن، بۇ نومۇر باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغىچە، ھەتتاكى ئۈزلۈكسىز مائارىپقىچە داۋاملىق قوللىنىلىدىكەن، ھەم پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالمىشىش، ئۆرلەپ ئوقۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ھەرىكەتچان ئىز قوغلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزىلارنىڭ «ئوقۇشتىن توختاپ قىلىشنى تىزگىنلەش-ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» مەسىلىسى، شەھەرلەردە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىش، قاراشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق مائارىپتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىكەن. (جاۋ ئېنا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە