باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

5-نۆۋەتلىك «قۇملۇقتا باھار» ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى

2013.04.01 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-مارت، 5-نۆۋەتلىك «قۇملۇقتا باھار» ساياھەت مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر قۇملۇققا بولغان قىزغىنلىقنى ئاشۇردى.

  قۇمتاغنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قۇملۇق» دېگەن نامى بار بولۇپ، «كرورانلىقلار ئەۋلادى» ئاخىرىدا ماكانلاشقان جاي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيادا شەھەرگە ئارىلىقى ئەڭ يېقىن قۇملۇق، قۇملۇق ۋە جياڭنەننىڭ مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، «قۇملۇقتىكى مۇزېي» دېگەن نامى بار.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «قۇملۇقتا باھار» ساياھەت ھەپتىلىكىنى شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، پىچان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت 20-مايغىچە داۋاملىشىدىكەن. ئاساسىي تېما پائالىيەتلىرىدىن يەنە ئۈجمە بايرىمى، غەلىتە تاش بازىرى، دىغار ئېكىسپىدىتسىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەر كەينى ـ كەينىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى جەمئىي 800دىن ئارتۇق شەخسىي ماشىنا، 1200دىن ئارتۇق ئادەم «قۇملۇقتىكى باھار» پائالىيىتىگە قاتناشقان، 5000دىن ئارتۇق ئادەم مەنزىرە رايونىغا كىرىپ ساياھەت قىلغان. 3000 ئادەم مەنزىرە رايونىدا ياتاققا ئورۇنلاشقان. (لۈ ياڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە