- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەربىيەلەش ھەققىنى ئۆز ئالدىغا ئۆستۈرۈۋالغان شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ
2013.03.28 16:21 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يىل بېشىدىن بۇيان ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت ئىدارىسى ئارقا-ئارقىدىن شەھەر ئاممىسىدىن كەلگەن شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەلەش ھەققىنى ئۆز ئالدىغا ئۆستۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى . بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت ئىدارىسى 31-ئاپرېلغىچە شەھەردىكى چوڭ-كىچىك 40 شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش ھەققىگە قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.
27-مارت ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك باھا نازارەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياۋ جەنجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش جەريانىدا شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى قېلىپلاشتۇرۇلىدىكەن.
2007-يىلدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ھەققى ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل (C1) ۋە كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل (C2) شوپۇرلۇقىغا تەربىيەلەش ھەققى 2400 يۈەن ، ئارىبۇس (B1) شوپۇرلۇقىغا تەربىيەلەش ھەققى 3100 يۈەن ، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى (B2) شوپۇرلۇقىغا تەربىيەلەش ھەققى 2800 يۈەن ، چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى (A1) شوپۇرلۇقىغا تەربىيەلەش ھەققى 3200 يۈەن ، سۆرەش ماشىنىسى(A2) شوپۇرلۇقىغا تەربىيەلەش ھەققى 3300 يۈەن ، شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (A3) شوپۇرلۇقىغا تەربىيەلەش ھەققى 4600 يۈەن ئىكەن .
جياۋ جەنجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە قالايمىقان ھەق ئالغان شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ‹‹باھا قانۇنى›› ۋە ‹‹ باھا مەمۇرىي جازا نىزامى ›› بويىچە جازالىنىدىكەن .
شەھەر ئاممىسى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىگە تىزىملاتقاندىن كېيىن ، ھەق تاپشۇرغان ھۆججەتنى ساقلاپ قويۇپ ، نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشقا ئۇچرىغان بولسا 12358 گە تېلېفون ئۇرۇپ ، مەلۇم قىلسا بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە