باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4-ئايدىن باشلاپ قارامايدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان قاتنايدۇ

2013.03.29 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ28-مارت قاراماي شەھەرلىك قاتناش ترانسىپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، قاراماي ـ ئۈرۈمچى ـ بېيجىڭ ئاۋېئاتسىيە لىنىيەسىدە ئايروپىلان سائەت 15تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، سائەت 16دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قونغان. ئۈرۈمچىدە 55 مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن، سائەت17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن قوزغىلىپ. سائەت 20 دىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونغان.

  بېيجىڭدىن قاراماي شەھىرىگە قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 9:05 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن قوزغىلىپ، سائەت 13:15تە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرپورتىغا قونىدۇ، بىر سائەت 5 مىنۇتتىن كېيىن ئايروپىلان ئالماشتۇرۇپ، سائەت 15:05 ئۆتكەندە قاراماي ئايرودرومىغا قونىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قارامايدىن بېيجىڭغا بېرىشتا ئايروپىلان ئالماشتۇرۇلمايدىكەن، بېيجىڭدىن قارامايغا قايتىشتا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلان ئالمىشىدىكەن. يۈك ـ تاقلار بىۋاستە يېتىپ بارىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قاراماي شەھىرى بىلەن جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى توختاملاشقان يازلىق، كۈزلۈك ئاۋېئاتسىيە كېلىشىمنامىسىدە بەلگىلىنىشىچە، يېڭى ئاۋېئاتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى 2013-يىلى 8-ئاپرېلدىن 25-ئۆكتەبىرگىچە بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى بېرىپ ـ كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتنايدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە