2013-يىلى 1-ئاپرىل سائەت 10:06 ئۆتكەندە، جىلىن ئۆلكىسى بەيشەن شەھىرى جياڭيۈەن رايونىدىكى تۇڭخۇا كانچىلىق (گۇروھى) چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى باباۋ كۆمۈر كېنىدا يەنە بىر قېتىم گاز پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، 11 ئادەمنىڭ ئىز ـ دېرىكى بولمىدى.
نۆۋەتتە، ئالاقىدار مەسئول خادىملار كونترول قىلىنىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلماقتا.
29-مارت سائەت 22:36 مىنۇت ئۆتكەندە، جىلىن ئۆلكىسى تۇڭخۇا كانچىلىق چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى باباۋ كۆمۈر كېنىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 28 كان ئىشچىسى قازا قىلغان، 13 ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان ئىدى.
مەنبە: خەلق تورى