باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئارال دۆلىتىلىك روھىي ھالىتى بىلەن ئۆزىنى چۈشەپ قويماسلىقى كېرەك(1)

2013.04.01 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شېنزو بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەتىيازلىق قەرەللىك تاۋاپ مەزگىلىدە، ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇنى ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىدىكى نەزىر-چىراغ بۇيۇملىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە ئۆزگەرتكەن، ئەمما بۇ يىل كۈزدە ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ تاۋاپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياسۇكونى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسى-ياپونىيەنىڭ بۇرۇنقى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراش-قارىماسلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئويلىنىش-ئويلانماسلىق، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى ھۆرمەتلەش-ھۆرمەتلىمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇششاق-چۈششەك ھەرىكەتلەرنى قىلىش، مەمەدانىلىق قىلىش بوشلۇقى يوق. ياپونىيە پەقەت ئۆتمۈشكە توغرا قارىغاندىلا، ئاندىن كېلەچەككە يول ئېچىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ياپونىيە تارىخ مەسىلىسىدە پاتقاقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا ئامالسىز، مۇرەككەپ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن بىلەرمەنلىك قىلىدىغان رېئال خام-خىيالغا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ياپونىيەنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان ھۆكۈمىگە مۇناسىۋەتلىك. ياپونىيە-ئارال دۆلىتى بولۇپ، كۈچلۈك مەۋجۇتلۇق كىرىزىس تۇيغۇسىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. ياپونىيە تار روھىي ھالەت بىلەن ئەتراپىغا، ئاسىيا، دۇنياغا قاراپ كەلگەن. بۇ خىل كىرىزىس تۇيغۇسى ھەتتا بىر مەھەل ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىشىغا تۈرتكە بولغان بىر ئامىلغا ئايلانغان. بۈگۈنگىچە، ياپونىيەدە يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر جاھىللىق بىلەن ئەتراپتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قەد كۆتۈرسە جەزمەن مەنپەئەت تالىشىش، ھەتتا ئۇرۇش قوزغايدۇ، ئۇرۇش-ياپونىيەنىڭ ئارال دۆلىتىدىكى مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى بىر ۋاسىتە دەپ قاراپ كەلمەكتە. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا تېزدىن ياپونىيەنى ئۆزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىتتىپاقداشلىق چەمبىرىگە كىرگۈزۈپ، ياپونىيەنى ئومۇميۈزلۈك قايتا ئويلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ياپونىيە تار ئارال دۆلىتىلىك روھىي ھالىتى بىلەن تەرەققىي قىلدى. بۇ خىل روھىي ھالەت ياپونىيەنى ئوچۇق روھىي ھالەت بىلەن تاشقى دۇنياغا يۈزلىنىشتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە