باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتى يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىقتى(1)

2013.04.01 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-مارتتىن 30-مارتقىچە تانزانىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، كونگو جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ تۇنجى زىيارەتكە چىقىشى بىر قېتىملىق زور دىپلوماتىيە ھەرىكىتى، ئۇ جۇڭگونىڭ جۇڭگو ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەيلى خەلقئارادا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئافرىقىغا بولغان دوستلۇق سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، مەڭگۈ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي شېرىكى بولىدۇ، تىرىشىپ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن تانزانىيە جۇڭگو بىلەن تانزانىيەنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدىكى 17 كېلىشىمگە ئىمزا قويدى، ئىككى تەرەپ سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، خەۋەرلىشىش، ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

  جۇڭگو تانزانىيەدە جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قۇرىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا كۆپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىدۇ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى 2014-يىلنى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقا يىلى قىلىپ، 2015-يىلنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگو يىلى قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلدى.

  جۇڭگو بىلەن كونگو بىر يۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېزا ئىگىلىك، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى شۇنداقلا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاشقا بىردەك قوشۇلدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ.

  ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپلا ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى.

  تانزانىيە زۇڭتۇڭى كىكىۋىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تانزانىيەنى ئافرىقا دۆلەتلىرى سەپىرىدىكى بىرىنچى بېكەت قىلىپ تاللىشى تانزانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، تانزانىيە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ئىككى تەرەپ ۋە جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى بولۇپ جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇشى جەنۇبىي ئافرىقا ئۈچۈن شەرەپ، بۇ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقىغا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ساسو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئافرىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئافرىقىغا ياردەم بېرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ.ئافرىقا خەلقى ئافرىقا جۇڭگو ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە