باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2013.03.29 18:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، «شىنجاڭنى سۆيۈپ، يۇرت – ماكاننى سەيلە قىلىش» ـــ ساياھەتنىڭ سۇس مەزگىلىدە سەيلە قىلىش ئاساسىي تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان 2013 – يىللىق شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 13 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلىنىدىكەن.

  كۆرگەزمە تەشكىلىي ھەيئىتى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، يايما ئورنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە يەنە جايلارنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىدىغان ناخشا – ئۇسسۇل سەھنىسى تەسىس قىلىنىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى ئۈچۈن بىر چوڭ ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىر قىلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دېرىكتور ياردەمچىسى پەرھات ئاخۇنجان مۇنداق دېدى: مارت، ئاپرېل ئايلىرى كوپىراتىپىمىزنىڭ ئاۋىسترالىيە، ئامېرىكا، تۈركىيەگە ساياھەت ئۆمەكلىرى تەشكىللەشتىكى ئالتۇن ۋاقتى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جەريانىدا كۆرگەزمە ئەھلى 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ئېتىبار كارتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى سېستىمىسىغا قاراشلىق «شەھەر ئىستىمالى سەھەر گېزىتى» ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.(شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە