باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزو تاشقى موڭغۇلىيە زىيارىتىدە بىر چالمىدا «ئۈچ پاختەك» سوقماقچى

2013.04.01 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 30-، 31-چېسلا ئىككى كۈن تاشقى موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولدى.

  بۇ يەتتە يىلدىن كېيىن ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم تاشقى موڭغۇلىيە زېمىنىغا قەدەم بېسىشىدۇر. 2006-يىلى، ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى جۇنىچىرۇ كوئىزۇمى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن تاشقى موڭغۇلىيەدە ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغانىدى. يەتتە يىلدىن كېيىن، ئابې شىنزو تاشقى موڭغۇلىيەنى زىيارىتىنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن بىرى قىلدى ھەمدە ياپونىيە-موڭغۇلىيە «ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسۋىتى»نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى، ئابې شىنزو بۇ قېتىملىق سەپىرىدە، بىرىنچىدىن، تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ كۆمۈر، نېفىت، سىرەك تۇپىغا ئوخشاش مول قېزىلما بايلىقىغا ئېرىشمەكچى؛ ئىككىنچىدىن، موڭغۇلىيەنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى يىگانە ۋە ياردەمسىز ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى؛ ئۈچىنچىدىن، موڭغۇلىيەگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق جوڭگۇنى ئىستىراتېگىيەلىك قورشاش ھالىتىنى شەكىللەندۈرمەكچى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە