باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>رەئىس شى جىنپىڭ تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-كونگو دوستلۇق دوختۇرخانىسى پۈتكەنلىكىنىڭ لېنتىسىنى كەستى(1)

2013.04.01 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 30-مارت كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىراززاۋىلدا جۇڭگو-كونگو دوستلۇق دوختۇرخانىسى پۈتكەنلىكىنىڭ لېنتىسىنى كېسىش مۇراسىمى، نىگۇئابى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ئېچىلىش ۋە جۇڭگو سارىيىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دوختۇرخانا بىناسىغا جۇڭگو بىلەن كونگونىڭ دۆلەت بايراقلىرى ئېسىلدى. كونگو كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئىتۇ، خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كومبا، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق مىنىستىرلىرى، بىراززاۋىل ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى، ئارمىيەنىڭ ئالىي گېنېراللىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم چەتئەللەرنىڭ كونگودىكى 30 نەچچە ئەلچىسى مۇراسىمغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ پىرېزىدېنت ساسۇنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. بىراززاۋىل شەھىرىنىڭ باشلىقى ئېنگۇلوندىلى، كونگونىڭ سەھىيە ۋە نوپۇس مىنىستىرى ئىبوۋى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچىڭ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو-كونگو دوستلۇق دوختۇرخانىسى-جۇڭگو-كونگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى بەلگىسى دەپ ماختىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دوختۇرخانا زالىغا بىللە كىردى. دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان جۇڭگونىڭ تيەنجىندىن كەلگەن جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ 21 ئەزاسى شى جىنپىڭنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقىنىڭ داۋالاش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش-بىر مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە، ھازىرغىچە 50 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى. ئافرىقىدىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ مۇھىتى ناچار، شارائىتى جاپالىق، كېسەل كۆپ، دوختۇر ئاز، دورا كەمچىل. جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، تولۇق-تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، سىلەر ئاق خالاتلىق پەرىشتە ۋە دوستلۇق ئەلچىسى دېگەن نامغا مۇناسىپ. ۋەتىنىمىز خەلقى سىلەرنىڭ ئۈن-تىنسىز قوشقان تۆھپەڭلارنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇپ قالمايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ئافرىقىغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى تېرىشىپ ياخشىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى ئافرىقا خەلقىگە مۇلازىمەت قىلىشتا گەۋدىلىك نەتىجە يارىتىپ، ۋەتەن ۋە خەلققە ئالىي شەرەپ كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالىيجاناب روھىنى جارى قىلدۇردى، مانا بۇ-جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، خالىس تۆھپە قوشۇش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، چەكسىز مۇھەببەت ئاتا قىلىش روھىدىن ئىبارەت. جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ روھى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ مىللىي روھىمىزنىڭ جانلىق كارتىنىسى. مەن سىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەجبۇرىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ روھىنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇپ، ئىنتېرناتسىيونالىزم ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-كونگو، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى تىلەيمەن. ساسۇ نەق مەيداندا چوڭقۇر دوستلۇق ھېسسىياتى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تۆھپە قوشۇش روھى ۋە يۇقىرى داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق، يەرلىك خەلققە نەپ يەتكۈزدى. كونگو خەلقى جۇڭگوغا رەھمەت ئېيتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}