باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سوۋىت ــ27 تىپلىق جەڭ ئايروپىلانى ئۇچۇش مەشىقى داۋامىدا ھادىسىگە ئۇچرىدى

2013.04.01 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 31-مارت سائەت 13دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سوۋىت ــ27 تىپلىق بىر جەڭ ئايرۇپىلانى ئۇچۇش مەشىقى داۋامىدا شەندۇڭ ئۆلكىسى رۇڭچېڭ شەھىرى خۇشەن بازىرى چاڭخۇيكوۋ كۆۋرۈكىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە 200 مېتىر كېلىدىغان سايلىققا چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى نەپەر ئۇچقۇچى بەختكە قارشى قازا قىلدى، يەر يۈزى بەلبىغى زىيانغا ئۇچرىمىدى. جەڭ ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى دەرھال كۈچ تەشكىللەپ نەق مەيدان قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى.

  جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۇچۇش مەشىقى داۋامىدا بەختكە قارشى قازا قىلغان ئىككى نەپەر سەپدىشىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، قاتتىق مەشىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. (ياڭ تيېخۇ، شېن جىنكې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)



مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە