باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېنىيە ئالىي سوتى پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتلىك دەپ ھۆكۈم چىقاردى

2013.04.01 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 30-مارت: 4-مارت ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسى ئىناۋەتلىك، ۋۇخۇلۇ كېنياتتا تۆتىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى دەپ جاكارلىدى.

  كېنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى مۇتۇنگا شۇ كۈنى كېسىمنامىنى ئوقۇغاندا مۇنداق دېدى: ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالتە سوتچىسىدىن تەشكىللەنگەن سوت كوللوگىيىسى بۇ قېتىمقى پىرېزىدېنت سايلىمى ئادىل، ئاشكارا بولدى، نەتىجىسى كۈچكە ئىگە دەپ بىردەك قارار چىقاردى. مۇتۇنگا شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېنىيە خەلقى، ئالاقىدار پارتىيە گۇرۇھ رەھبەرلىرى ھەمدە ھەر قايسى دېموكراتىك گۇرۇھلارنىڭ سوغۇققان بولۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كېنىيە يېڭى ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كېنياتتا 9-ئاپرېل قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە