باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنىپڭ روسسېف بىلەن كۆرۈشتى

2013.03.29 10:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: برازىلىيە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئىستىرادىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك دائىرىدىن ھالقىپ، ئىستىرادىگىيىلىك دۇنياۋى تەسىرى بارغانسىرى روشەنلەشمەكتە. بىز قارشى تەرەپنىڭ تەرەقىياتىنى ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ قاراپ كېلىۋاتىمىز. جۇڭگو برازىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، برازىلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇش شارائىتىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن برازىلىيە ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت ئىككى چاقنىڭ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى، ياسىمىچىلىق، ئېنىرگىيە، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سودا ئۆلچەملىك پۇل راسچوتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەمكارلىق جەريانىدا كۆرۈلگەن ئىختىلابلارغا قارىتا كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىش لازىم.

  روسسېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، برازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، مۇھىملىق دەرىجىسى كۈنسايىن ئۆستى. جۇڭگو برازىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە بىرىنچى چوڭ ئېكىسپورت بازىرى. نۆۋەتتە، برازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستىرادىگىيىلىك مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىگە كىردى. برازىلىيە جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان ھەمكارلىق تەسەۋۋۇرىغا تامامەن قوشۇلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ برازىلىيەنىڭ ئالاقىلىشىش، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە چوڭ تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، برازىلىيەنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. برازىلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گوروھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، خەلقئارا پۇل فوند سېستىمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى ئىسلاھاتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-برازىلىيە سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرى قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كارخانا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو برازىلىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  روسسېف مۇنداق دېدى: برازىلىيە لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇشنى قوللايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە