باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە دوكلات ئېلان قىلىپ جۇڭگودىن ھوشيار بولۇشنى ئوتتۇرغا قويدى(1)

2013.04.01 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-مارت ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ئاقىللار ئورگىنى بولغان «مۇداپىئە تەتقىقاتخانىسى» 2013-يىلى نەشىر قىلىنغان «شەرقى ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇمىي نەزەر» دېگەن دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئەتراپ بىخەتەرلىك مۇھىتىنى تەھلىل قىلدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: «شەرقى ئاسىيانىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇمىي نەزەر»دە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى زىچ چۆرىدىلىپ، «جۇڭگودىن بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ھوشيار بولۇش» ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بۇندىن كېيىن، يەنىلا دېڭىز ۋە ھاۋادىن ئاتالمىش ياپونىيە دائىرىسىگە كىرىشى مۇمكىن ھەمدە ئويلىمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە داۋاملىق سۈركەلمەكتە ھەمدە جۇڭگونىڭ كۈچلۈك پوزىتسىيە قوللىنىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەب- جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىدا. جۇڭگونىڭ تاشقى ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆزگىرىشكە ياپونىيە يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك. لېكىن بۇ دوكلاتتا يەنە جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىزغا ئالاقىدار ئورگانلىرى قەرەللىك ئۇچرىشىپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  چاۋشيەن ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلاتتا ياپونىيە ئېيتقان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساش ھەمدە يادرو سىنىقى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ، ئەگەر چاۋشيەن يادرو قورالنى كىچىك تىپلەشتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا ھەمدە چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرسا، ئۇلارنىڭ يادرو ئىقتىدارى تېخىمۇ رېئال ۋە كەسكىن تەھدىتكە ئايلىنىدۇ،دېيىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتقان ھەرىكىتى ھەققىدە بۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىنى ئازايتىش ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولىدۇ.

  ياپونىيە مۇداپىئە تەتقىقاتخانىسى ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىغا تەۋە ئورگان بولۇپ، ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنى باشقۇرۇش ۋە ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى ھەمدە قوغدىنىش قىسمىنىڭ يۇقىرى قاتلام خادىملىرىنى تەربىيەلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى سىياسىي خاراكتېرلىك تەتقىق قىلىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ، ئۇ ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ئاقىللار ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە