باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدا 6.3 بال يەر تەۋرىدى

بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەۋرەش مەركىزىگە بىرقەدەر يېقىن ئىكەن

2013.04.10 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەت ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئېلىنغان.
  جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېگەن، بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 19 دىن 52 مىنوت ئۆتكەندە، ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسىمىدا 6.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چۇڭقۇرلىقى 10 كىلومېتىرغا يەتكەن. تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كىيىن تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدا يەنە 5.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چۇڭقۇرلىقى 10 كېلومېتىرغا يەتكەن.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەھرى بۇشېھىر يەر تەۋرەش مەركىزىدىن 89 كېلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ شەھەردە ھازىر ئىران بويىچە بىردىنبىر يۈرۈشۈۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقى نامەلۇم.

  بۇندىن سىرت، ھازىرغىچە ئۆلگەن-يارىلانغانلار ۋە زىيانغا ئۇچرىغان مال-مۈلۈك توغرىسىدا مەلۇمات يوق ئىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، ئىران يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون ئىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم كۈچسىز يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىكەن. 2012-يىل 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە ئۇدا ئىككى قېتىم ئالتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەپ، 306 ئادەم قازا قىلغان، 3037 ئادەم يارىلانغان، 5000 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە