باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك قوللانمىسى تارقىتىلدى

2013.04.03 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك خىزمەت قوللانمىسى››دا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەكتەپ مۇدىرلىرى، پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىدىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى، ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى، خوجىلىق ئىشلىرى مۇدىرىغىچە، يەنە دەرسلىك ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دەرۋازىۋەن، ئامانلىق ساقلىغۇچى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇش خادىمىغىچە 40 نەچچە خىزمەت ئورنىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئېنىق بېكىتىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەكتەپ بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ سانى ۋە بىنورمال قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مەكتەپ قورۇسىدىكى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. بىراق، قىسمەن مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەن، ئالاقىدار خىزمەت ئورنىدىكى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىلىرى يەنىلا ساقلانماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹قوللانما››دا ‹‹نېمە قىلىش، كىم قىلىش، قانداق قىلىش›› نۇقتىسىدىن مەكتەپ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى جەريانى (كۈندىلىك بىخەتەرلىك خىزمەت تەرتىپى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەرتىپى)، مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتى ھۆججەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دېدى.

  ‹‹قوللانما››دا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارىلىنىش ۋەقەلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، مەكتەپلەردە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەل، قىستىلىشىپ دەسسىلىش ۋەقەلىرى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى 14 تۈرلۈك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش جەريانى يەنە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھە نۇسخىسى، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامە نۇسخىسى، بىخەتەرلىك خىزمىتى تەكشۈرۈش نۇسخا جەدۋىلى قاتارلىق ئۈچ تۈردىكى 11 ھۆججەت نۇسخىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مائارىپ قانۇنى، مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىق قانۇنى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملار كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە