مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردىن يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى
2013.04.08 15:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «نۆۋەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، مەكتەپ ئاشخانىلىرىدىن يېمەكلىك سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، زاپاس ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەر ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش، ئاغرىق سەۋەبىدىن مەكتەپكە كېلەلمىگەنلەرنىڭ كېسەل سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، زۇكام يۇقۇمىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە