- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كاززافىنىڭ 700 مىليون دوللارلىق ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى (1)
2013.03.27 13:44
ئەسلىدە لىۋىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى كاززافى (Omar Mouammer al Gaddafi) ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان ھەشەمەتلىك پوچتا پاراخوتى تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا لىۋىيە ئىنقىلابقا دۇچ كەلدى . ئوتتۇرا دېڭىز پاراخوتچىلىق (سۇ تىرانسپورتى) شىركىتى (MSC) شۇئان ئۇنى سېتىۋېلىپ ، بۇ پوچتا پاراخوتىنىڭ چالىسىنى ياساپ پۈتكۈزۈپ ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يېڭى سەپىرىنى باشلاتتى. ئاۋسترالىيە ‹‹ سىدنېي باشلامچى سەھەر گېزىتى ›› يېقىندا بۇ ھەشەمەتلىك پاراخوتقا ئائىت سۈرەت ۋە خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىدى .
MSC يېقىندا ئىتالىيەدە ئەسلىدە لىۋىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى كاززافى (Omar Mouammer al Gaddafi) غا تەييارلانغان پاراخوتتىن ئۆزگەرتىلگەن كاتتا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان پوچتا پاراخوتىنى ئاشكارىلىدى . ئىگىلىنىشىچە، كاززافىنىڭ ئوغلى خاننىبال 2011-يىلى (لىۋىيە ئىنقىلابىدىن بۇرۇن) پوچتا پاراخوتچىلىق سانائىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم 1751 ئېغىز خانىسى بار ، 600 مىليون 970 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بۇ كاتتا پوچتا پاراخوتىنى ياساشقا تەيىنلەنگەن.
دۇنيادىكى ئەرەب شىركىتى ئىگىدارلىقىدىكى بۇ تۇنجى پوچتا پاراخوتى ئەسلىدە 2012-يىلى دېكابىردا ترىپولىغا يېتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى . بىراق ئۇ ترىپولىغا بارالماستىن ، ئەكسىچە يېقىندا Sophia Loren تەرىپىدىن ‹‹ئەتىۋار›› دەپ ئىسىم قويۇلغاندىن كېيىن ، ئانا پورت ـــ Genoa تىن چىقىپ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى قىسقا مۇساپىلىك بىر يۈرۈش سەپىرىنى باشلىغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە