ئامېرىكا: چاۋشيەن ئەمدى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا بولمايدۇ
2013.04.10 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېنتېررېل 8-ئاپرېل چاۋشيەننى ئەمدى يەنە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرسە بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق قىلىش تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ ۋە چاۋشيەننى يەنىمۇ يېتىم قالدۇرىدۇ. ئامېرىكا دائىرىلىرى چاۋشيەننىڭ مۇشۇنداق ھەرىكەت قوللىنىشتىن ساقلىنىشىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. لېكىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە