باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا:چاۋشيەننىڭ كورېيەدىكى چەت ئەللىكلەرنى چېكىنىشىگە دەۋەت قىلىشى جىددىي ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ

2013.04.11 09:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى 9-ئاپرېل مۇنداق دېدى: چاۋشيەن شۇ كۈنى كورېيەدىكى چەتئەللىكلەرنى كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن چېكىنىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە كۈندە ۋە بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان، چاۋشيەن تەرەپ ئۇرۇش قىلىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى سۆزلەردە جار سالغىلى تۇردى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھەرىكەت قېلىپى. ئۇ چاۋشيەن رەھبەرلىك قاتلىمىنى تىنچلىق يولىنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە ئامېرىكا بۇنىڭغا قارىتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە قوللانماقتا، دېدى.

  چاۋشيەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان تىنچلىق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن كورېيە چاۋشيەنگە قارشى ھەرىكەت ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتەك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقتىن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى يادرو ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرماقتا، كورېيەدىكى بارلىق چەت ئەل ئورگانلىرى، كارخانىلار ۋە ساياھەتچىلەر چېكىنىش ۋە تارقاقلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە