باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارادىكى مۇھىم سىياسىيونلار ساچىر خانىمنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

2013.04.10 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ماگرىت ساچىر خانىم 8-ئاپرېل سەھەردە سەكتە كېسىلى سەۋەبىدىن 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. خەلقئارادىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار كەينى كەينىدىن بايانات ئېلان قىلىپ ياكى سۆز قىلىپ ساچىر خانىمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 8-ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ساچىر خانىم ئەنگلىيە ۋە خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس ۋە قەيسەر رەھبەر، ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش ۋەزىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۇ پارلامېنتتا ئەر ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى جەھەتلەردە ئاياللارغا ئۈمىد ئاتا قىلغان ئىدى دېدى.

  ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رومپېي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھوقۇق تۇتقان 11 يىلدا ساچىر خانىم ئەنگلىيەنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ياۋروپانىڭ قارالمىسىنى ئورنىتىشتىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينىغان.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروزو بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ساچىر خانىم بىز بۈگۈن چۈشەنگۈدەك ئەنگىلىيەنى ناھايىتى زور دەرىجىدە بەرپا قىلدى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بۈگۈنگىچە بولغان ئالاھىدە رولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسسىن مۇنداق دېدى: ساچىر خانىم بىر كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىكىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە غايەت زور جاسارىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىر ھەقىقىي دوستىدىن ئايرىلدى، ساچىر خانىمنى ئاياللارنىڭ ئۈلگىسى دىيىشكە بولىدۇ.

  فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساچىر خانىم ئەنگلىيەنىڭ تارىخىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل باياناتىدا: ساچىر خانىم ھازىرقى ئەنگلىيەگە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان دېدى.

  كانادانىڭ زۇڭلىسى خارپېر باياناتىدا: دۇنيا بىر كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەردىن ئايرىلىپ قالدى، ساچىر خانىم ئىقتىسادى سىياسەتتە غەلبە قازانغان ئىدى، ئۇ زامانىمىزدىكى كونسېرۋاتىۋىزمغا ئېنىقلىما بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە