باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇردى

2013.04.11 09:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 9-ئاپرېل مۇنداق دېدى: سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ يىغىنى 10-ئاپرېل ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ۋە ئىراننىڭ يادرو پىلانى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ مۇھىم تېمىسى قىلىنىدۇ. رۇسىيە تەرەپ سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىكى شېرىكلەر بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە چاۋشيەن دائىرىلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېردىكى ھەرىكەتلىرىدىن نارازى، بىراق رۇسىيە بۇنى باھانە قىلىپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇ رايونغا قۇرال يۆتكەش، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇندىن باشقا چاۋشيەننىڭ يادرو تەھدىتنى تۈگىتىش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. رۇسىيە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىلىپ ئېيتساق، قانداقلا بولمىسۇن سىياسىي دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، باشقا ھەر قانداق تاللاش شەرقىي ئاسىيا رايونىدا چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە