باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر چاۋشيەندىن دىپلوماتىيە خادىملىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.04.11 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى 9-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ چاۋشيەندىن دىپلوماتىيە خادىملىرى يوق، بىراق ئەنگلىيە، گېرمانىيە، بۇلغارىيە، چېخ، پولشا، رۇمىنىيە ۋە شىۋېتسىيەدىن ئىبارەت ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا يەتتە دۆلەتنىڭ پىيۇياڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى بار، بۇ دىپلوماتىيە خادىملىرى چاۋشيەننىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىدەك ئالامەتلىرىنى كۆرمىدى، پايتەخت پىيۇياڭنىڭ ۋەزىيىتى تىنچ، شۇڭا، بۇ دۆلەتلەر دىپلوماتىيە خادىملىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشمىدى.

  بۇ دىپلومات يەنە مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېرىشكەن ئاخباراتقا باھا بېرىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە نۆۋەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە جىددىلىك ۋە داۋالغۇش كېلىپ چىققان بولسىمۇ، بىراق قۇراللىق توقۇنۇش دەرھال يۈز بەرمەيدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. چاۋشيەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇيۇپ بەرسە ياكى يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جازالاش كۈچىنى زورايتىش ئۈستىدە ئويلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە