باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2013-يىللىق يىغىنى يېپىلدى

2013.04.09 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
 بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2013-يىللىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەينەننىڭ بوئاۋدا يېپىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىندا يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەت، ھەمكارلىق، ئاسىيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاساسىي تېما قىلىندى، جەمئىي 54 مەيدان مۇنبەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاممىۋىي دىپلوماتىيە، خەلقئارا مۇناسىۋەت، خەلقئارا ئىستراتېگىيە، رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق قارالمىلار نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە « ئاسىيا بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتايلى»دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

  بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىن ئاسىيادىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بولۇپمۇ كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، سودا سانائەت ساھەسىدىكى پېشۋالار، مۇتەخەسسىس ئالىم، تاراتقۇ ئەربابلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 2 مىڭ كىشى بۇ يىللىق يىغىنغا قاتناشتى، مۇنبەردە جەمئىي 3800 گە يېقىن كىشى كۈتۈۋېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}