باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «يىپەك يولى» خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ

2013.04.09 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسى ئۆمەك تەشكىللەپ، ئالمائاتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان قازاقىستان 7-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» خەلقئارا كىتاب ۋە نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىكەن، ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش شەكىلىدە شۇ جايدىكى ھەر ساھەگە 2-نۆۋەتلىك «جۇڭگوــ ئاسىيا ــ ياۋرو نەشر يەرمەنكىسى»نى تونۇشتۇرىدىكەن.

  يەرمەنكە مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئۈچ كۆرگەزمە ئورنىدا شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە نەشرىيات ھوقۇقى سودىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان 300 خىل كىتاب كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقچە، ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە كىتابلار بار ئىكەن.

  2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋە مىراس كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىغا 7-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش توغرىسىدا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە