كورېيە: ئېلىمىزدىكى چەت ئەللىكلەر ھېچ يەرگە كەتمەيدۇ
2013.04.10 16:39 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سېئۇل، 9 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى چوڭۋاداينىڭ بايانچىسى كىم ھايگۇ 9 – ئاپرېل مۇنداق دېدى: چاۋشيەن بۈگۈن كورېيەدىكى چەت ئەل پۇقرالىرىنى ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، تارقىلىپ كېتىشكە ئاگاھلاندۇردى، بۇ چاۋشيەننىڭ پىسخىكا ئۇرۇشى، كورېيەدىكى چەت ئەللىكلەر ھېچيەرگە كەتمەيدۇ. كىم ھايگۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: مېنىڭچە، كورېيە ئارمىيەسىگە كورېيە پۇقرالىرىلا ئەمەس، بەلكى كورېيەدە ئولتۇراقلاشقان چەت ئەل پۇقرالىرىمۇ ئىشىنىدۇ، ئۇلار ھېچيەرگە كەتمەيدۇ، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە