باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شياۋ ۋەنجاڭ بىلەن كۆرۈشتى

ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى

2013.04.09 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپىرىل خەينەن بوئاۋدىن بەرگەن خەۋىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 8-چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن بوئاۋدا تەيۋەن ئىككى قىرغاق ئورتاق بازىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي باش مۇدىرى شياۋ ۋەنجاڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى مۇستەھكەم، فاڭجېن-سىياسەتلىرى ئېنىق. بىز تەيۋەنگە قاراتقان چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلاپ، ئەمەلدە ئاقىدىغان، ئۈنۈمدارلىققا ئىگە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقنىڭ ئومۇميۈزلۈك، بىۋاسىتە ، قوش يۆنىلىشلىك پوچتا، سودا ۋە ئاۋىياتسىيە ئالاقىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بولۇپمۇ ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئېچىپ بەردى. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخىي پۇرسەتنى ھەقىقىي تونۇپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، دەۋەرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم.(مۇخبىر چېن ۋېيگۇاڭ، ما يۆفېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە