باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نېفىتلىكى ‹‹جىنلوڭ›› رايونىدا 10مىليون توننىلىق نېفىت زاپىسى بايقىدى

2013.04.09 14:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ فېڭ خەۋىرى: 2 – ئاپرېل، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى ئورۇنلاشتۇرغان 208 – قۇدۇقنى بۇرغىلاپ چارلاش – باھالاشتا، 270 مىڭ كۇپ مېتىر يۇقىرى ھوسۇللۇق ماي – گاز ئېقىمى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن‹‹جىنلوڭ›› رايونىدا 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت قاتلىمى بار زاپاس كۆلەم بارلىقى يەنىمۇ ئىسپاتلاندى.

  شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت زاپىسىنى باھالاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ مىڭيۈ مۇنداق دېدى: بۇ يىل باھار كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت زاپىسىنى باھالاش ۋە چارلاش جەھەتتە ئارقا – ئارقىدىن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، چېپەيزى، جىنلوڭ رايونى ۋە شيايەن رايونىدا كەينى – كەينىدىن ئۈچ نېفىت گازلىق بايقالدى.

  بۇ يىل شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى داچىڭ›› قۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق بىر يىل،شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى چارلاش، ئېچىش سېلىنمىسى ۋە سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەسلىھەلەرگە تايىنىپ، دومىلاتما چارلاشتا ئۇدا يېڭى سەۋىيە ياراتتى. 20 – مارت، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان چېپەيزى نېفىتلىكىنىڭ 364 – قۇدۇقىدا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت – گاز ئېقىمى بايقالدى، ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك مەھسۇلات مىقتارى 40 كىۋادىرات كۇب مېتىرغا يەتتى. بۇنىڭغا بۇلتۇر بۇ رايوندا بايقالغان ئىككى قۇدۇقتىكى نېفىت ئېقىمى قوشۇلۇپ بۇ رايوندا مەھسۇلاتى يۇقۇرى،ئۈنۈملىك نېفىت زاپىسى بارلىقى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە