باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دەي شياڭلۇڭ: پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق كۈتۈنۈش پۇلى كەملىكىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ

2013.04.08 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي شياڭلۇڭ تۈنۈگۈن بوئاۋ مۇنبىرىغا قاتناشقاندا، كۈتۈنۈش پۇلىدا ھەقىقەتەن كەملىك بارلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش، دۆلەت مۈلكىنى ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئايرىپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق يوللار بىلەن تولۇقلاشنى ۋە ھۆكۈمەت، كارخانا، شەخسى ئىسچوتتىن ئورتاق تەشكىللەنگەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈشنى تەكلىپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 2 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 900 مىليارد يۈەن، تولۇقلىما كۈتۈنۈش پۇلى 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، ھەممىنى قوشقاندا دۆلىتىمىز GDPسىنىڭ %5 گىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «جامائەت كۈتۈنۈش پۇلىغا تايىنىپلا كۈتۈنۈش زادى بولمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە