چاۋشيەن چەت ئەل ئەلچىخانىلىرىنى 10-چېسلادىن بۇرۇن ئايرىلىشقا تەكلىپ قىلدى
2013.04.07 17:00 مەنبە: خەلق تورى
چاۋشيەن تاشقى ئىشلار مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېگەن، ئامېرىكا چاۋشيەنگە قاراتقان تەھدىتىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقانلىقتىن، نۆۋەتتە ۋەزىيەت ناھايىتى كەسكىن. نۆۋەتتىكى مەسىلە ئۇرۇشنىڭ پارتلاش-پارتلىماسلىقىدا ئەمەس، بەلكى قاچان پارتلىشىدا بولۇپ قالدى. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا «ئىش چىققان زاماتلا»، بىز چەت ئەللەرنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا چاۋشيەندىن ئايرىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چاۋشيەن يەنە خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بويىچە دىپلوماتىيە خادىملىرىغا بىخەتەر مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە