باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭ ۋىي پارا ئالغانلىقى، ئاشنا ئوينىغانلىقى جىنايىتى بىلەن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

2013.04.08 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتى تەستىقلاش ئارقىلىق، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شاۋگۈەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاڭ ۋېينىڭ ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.


تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شاڭ ۋېي شاۋگۇەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەزگىلىدە خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پايدا قوغلىشىپ، غايەت زور پارا ئالغانلىقى؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىپ، ئاشنا ئوينىغانلىقى بايقالدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق ھەمدە جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئىنتىزام جازاسى نىزامى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قاراپ چىقىلدى ھەمدە ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى. ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى. ئۇنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىندى. ھەمدە ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە