باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى كەنت ياچېيكىسى سېكرىتارىنىڭ 53 يۈرۈش ئۆيى بارلىقى ئاشكارىلاندى

2013.04.08 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرى ساڭنەن ناھىيىسى لىڭشى بازىرى يەنتۇ كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى يېقىندا مۇنۇلارنى مەلۇم قىلدى: كەنتىمىزدىكى پارتىيە ئەزاسى چېن چىڭجۈەننىڭ ساڭنەن ناھيىسىدە 53 يۈرۈش ئۆيى بار؛ ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆيلەر ئۇنىڭ ئاكىسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى چېن چىڭجۈينىڭ . ھازىر يەرلىك ئورگانلار ئۇلارنىڭ نامىدا 10 يۈرۈش ئۆي بارلىقى، 19 يۈرۈش ئۆينى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئېنىق بولمىغان 17 يۈرۈش ئۆيى بارلىقى، چېن چىڭجۈينىڭ ئىككى كىملىكى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.

  لىڭشى بازىرى ساڭنەن ناھىيىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان يېزا بازىرى. بۇ يەردە ئۆينىڭ بىر كۋادرات مىتېرى يەتتە مىڭ يۈەندىن 15 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى شەھەر ، رايون، ناھىيەلەر ئىچىدە ئوتتۇرا ھالدىن يۇقىرىراق تۇرىدۇ.

  29- مارت لىڭشى بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەنتۇ كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى بىر ئۆي مۈلۈك تىزىملىكىنى ئاشكارىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى 53 ئۆينىڭ كونكرېت ئورنى، قۇرۇلۇش تىزىملىك ئەھۋالى ئېنىق خاتىرىلەنگەن ئىدى. بۇ ئۆي مۈلۈكنىڭ بەزىلىرى تۇرالغۇ ئۆي ، بەزىلىرى يول بويىدىكى دۇكان. كەنت ئاھالىلىرى چېن فامىلىلىك ئاكا ئۇكىلارنىڭ ئۆي مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 47 مىليون 150 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن، دېدى.

  ۋېنجۇ شەھەرلىك ساڭنەن ناھىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جاۋاب قايتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كەنت شۇجىسىنىڭ 56 يۈرۈش ئۆيى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىگىلىك ھوقۇقى تېخى ئېنىق بولمىغان ئۆيلەرنى، ھەمدە بۇ ئۆيلەرنىڭ كىلىش مەنبەسىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە