جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:17-نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي غەربىي رايون ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا سۆھبىتى 5-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە شىئەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدىكى ئىككى مەيدان مەركەزلىك ئىمزالاش مۇراسىمىدا 87 تۈر ئىمزالاندى؛ ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 143 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ يېڭى ئېنېرگىيە،يۇقىرى يېڭى تېخنىكا،جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سېلىنغان مەبلەغ بىر مىليارد يۈەندىن ئاشقان تۈر 38 گە يەتتى.