- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يۈ جىڭشېڭ تايلاند مەلىكىسى سېرىندورىن بىلەن كۆرۈشتى
2013.04.08 15:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
 |
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا تايلاند مەلىكىسى سېرىندورىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرىل بېيجىڭ خەۋىرى:مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا تايلاند مەلىكىسى سېرىندورىن بىلەن كۆرۈشتى.
يۈ جىڭشىڭ مۇنداق دېدى: مەلىكە ئالىيلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆز سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق تايلاندلىقلارغا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، ئالىيلىرى «خەلقنىڭ ياخشى ئەلچىسى» ۋە «ئون چوڭ خەلقئارالىق ئەرباب» دېگەن نامغا مۇناسىپ.
يۈ جىڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى تايلاند بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بىز تايلاند بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو-تايلاند دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشنى خالايمىز.
سېرىندورىن مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلدىم، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن تايلاند-جۇڭگو دوستلۇقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە