باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا مۇسۇلمانلار بىلەن كۇپىت مۇرىتلىرى توقۇنۇشتى

2013.04.08 17:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بىلەن كۇپىت مۇرىتلىرى شۇكۇنى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر نەزىردە توقۇنۇشۇپ، بىر ئادەم قازا قىلدى، 84 ئادەم يارىلاندى، بۇ ئىككى دىندىكىلەرنىڭ 6-ئاپرىل تۇقۇنۇشقاندىن كىيىن يەنە بىر قىتىم جىدەل چىقىرىشى.

  6-ئاپرىل ئەتتىگەن، مىسىرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قەييۇپ ئۆلكىسىدە مۇسۇلمانلار بىلەن كۇپىت مۇرتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش يۈز بىرىپ سەككىز ئادەم قازا قىلغان، 20 ئادەم يارىلانغان. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېىيتىشىچە، ۋەقە يۈز بىرىشتىن بۇرۇن كۇپىت دىنىدىكى ئىككى ئوقۇغۇچى بۇ ئۆلكىدىكى بىر مەسچىتنىڭ تېمىغا كىرىس بەلگىسى سىزىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر مۇسۇلمان ئۇلارنى ئەيىبلىگەن، ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ تىللىشىپ كەتكەن، بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن كۇپىت دىنىدىكى بىر كىشى بۇ مۇسۇلمان كىشىنى ئېتىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەمدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە