باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مۇنەۋۋەر ئانىلار››نى توردا بېلەت تاشلاپ باھالاش 1–ئاپرېل باشلىنىدۇ

2013.04.02 13:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرىدىغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تور بېكىتى بولغان ‹‹تەڭرىتاغ›› تورى بىلەن ئۈرۈمچى خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قارىمىقىدىكى ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› كوللېكتىپى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹تەڭرىتاغ لوڭقىسى›› تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئانىلار››نى توردا بېلەت تاشلاپ باھالاش پائالىيىتى 1 – ئاپرېل رەسمىي باشلىنىدۇ.

  ‹‹تەڭرىتاغ›› تورى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىمسىز تور ئالاقە ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات نىيازنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسىي مەقسەت خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، ئىلىمگە ھېرىسمەن، مەدەنىي، مەرىپەتپەرۋەر، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان ئانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، جەمئىيەتتە ئانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئانىلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتىدىن ئۆگىنىدىغان ياخشى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. 28 – مارتقىچە، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى كەسىپتىكىلەر 40 ئانىنى ‹‹مۇنەۋۋەر ئانىلار›› نامزاتىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، بېلەت تاشلاش رەسمىي باشلانغىچە نامزاتلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىرغا قەدەر كۆرسىتىلگەن 40 نامزات ئىچىدە يازغۇچى، رىياسەتچى، كارخانىچى، ساخاۋەتچى، ياخشى كېلىن، پەرزەنتلىرىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ ساپالىق قىلىپ تەربىيەلىگەن مېھنەتكەش ئانا ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى بار بولۇپ، بۇ نامزاتلارنىڭ ئەڭ چوڭى 84 ياشتا، ئەڭ كىچىكى 25 ياشتا ئىكەن. توردا بېلەت تاشلاش 1 – ماي ئاخىرلىشىپ، نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىكەن، باھالانغان ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ئانا›› بۇ يىللىق ئانىلار بايرىمىدا تەقدىرلىنىدىكەن.

  بۇ پائالىيەت بۇنىڭدىن كېيىن يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇنەۋۋەر ئانىلارغا بېلەت تاشلاش تور ئادرېسى: http://new.barmu.cn/vote

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە