باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

2013.04.02 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئايدا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمەت تەرەپ سانلىق مەلۇماتى ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئايلىنىش ئەھۋالى پەيدىن پەي روشەنلىشىشكە باشلىدى.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقە مەركىزى مەسلىھەت سوراش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىدىن شۇنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولۇپ، بۇلتۇرقى 4- پەسىلدىن بۇيانقى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان. گەرچە ئالدىنقى ئىككى ئايدا ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى چاغان ئامىلى سەۋەبىدىن مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 3-ئايدا ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىشى شۇنداقلا يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيانقى ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق كېسىشىش نۇقتىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم جەزىملەشتۈرۈلدى.

  جۇڭگو مال ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسىنىڭ تەھلىل دوكلاتىدا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە بازاردا سودا باشلىنىپ، كارخانىلارنىڭ زاكازلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى، يۇقىرى ئېقىندىكى مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۈچى ئاجىزلاپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش شەكلىدە پەيدىن پەي مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. گو ۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جياڭ لىچۈن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بازار ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكىسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز تېزلىشىپ، يېڭى زاكاز كۆرسەتكۈچى، يېڭى ئېكسپورت زاكاز كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشى بىلەن ماسلاشتى. زاكازنىڭ تۈرتكىسىدە، كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاش نىسبىتى مەلۇم دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئېلان قىلىنغان ئالدىنقى ئىككى ئايلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزدە ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %20 دىن يۇقىرى بولۇپ، ئېكىسپورتنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغان. كەلگۈسىدىكى ئېشىش ئەھۋالىنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يىل دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق تېزلىشىپ، ئىقتىساد چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۈستىگە ئالماقتا.

  3-ئايدا ياسىمىچىلىق كەسپىدە سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ئېنىقكى بىر خۇش خەۋەر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە كۆرۈلگەن ئېشىش ۋەزىيىتىدە بايرامدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلانغانلىقى قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك ئېشىش ئامىلى بار بولۇپ، ئۆرلەش دەرىجىسى يەنىلا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەن بولماقتا. كېيىنكى ئېشىش ۋەزىيىتىنى يەنىلا يېقىندىن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە يەنىلا خەۋپ مەۋجۇت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە