- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قونجىراپ چېگرا ئېغىزى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئېچىۋېتىلدى
2013.04.02 13:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېلىمىزنىڭ پاكىستانغا تۇتۇشىدىغان شىنجاڭ قونجىراپ چېگرا ئېغىزى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئېچىۋېتىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان قونجىراپ چېگرا ئېغىزى ئېلىمىزنىڭ پاكىستانغا تۇتۇشىدىغان قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى، شۇنداقلا دۆلەت تەستىقلىغان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 1-دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزى. بۇ يىلدىن باشلاپ قونجىراپ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكى 1-مايدىن 31-دېكابىرغىچە بولغان ۋاقىت 1-ئاپرېلدىن 30-نويابىرغىچە قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە