باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ئەترىتى ئېكۋاتوردىن كېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي يېرىم شارغا قايتتى

2013.04.02 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ 29-قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئولتۇرغان «قار ئەجدىھاسى» ناملىق قۇتۇپ تەكشۈرۈش كېمىسى تۈنۈگۈن ماكاسسار بوغۇزى ئارقىلىق ئېكۋاتوردىن ئۆتۈپ، شىمالىي يېرىم شارغا قايتىپ كەلدى.

  «قار ئەجدىھاسى» ناملىق كېمە تىپتىنچ ئېكۋاتوردىكى شامالسىز بەلۋاغدا كېتىۋاتقاندا، دېلفىن ۋە بېلىقلار پات پات سۇ يۈزىگە چىقىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدى. ۋەتەنگە قايتىش پەيتىدە، «قار ئەجدىھاسى» كېمىسىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى خۇشاللىق كەيپىياتقا چۆمدى. 2012-يىلى نويابىردا «قار ئەجدىھاسى» ناملىق كېمە ئېكۋاتوردىن كېسىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي يېرىم شارغا كىرگەندە، نۇرغۇن ئەزالار يېنىدىكى نەرسىلىرىنى دېڭىزغا تاشلاپ بەخت تىلىگەن. بۇ قېتىم شىمالىي يېرىم شارغا قايتقاندا، ئەزالار يەنە نەرسىلىرىنى دېڭىزغا تاشلاپ، سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ھازىرغىچە، «قار ئەجدىھاسى» ناملىق كېمە 26 مىڭ دېڭىز مىلى يول يۈردى، پىلان بويىچە 7-ئاپرېلنىڭ ئالدى كەينىدە چاڭجاڭ دەرياسى ئېغىزىدىكى پاراخوت توختىتىش ئورنىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتى ئۆتەپ، 9-ئاپرېل شاڭخەي پرېستانىدا رەسمىي توختايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە